سەگەك تۇرۇڭلار!
ئىرقىي باراۋەرلىك ئىچىدە ياشاش پەقەت خام-خىيالمۇ؟ — مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئىرقىي باراۋەرلىك ھېچقاچان رېئاللىققا ئايلانمايدىغان بىر خام-خىيال دەپ قارايدۇ.
«ئىرقىي كەمسىتىش خۇددى زەھەرگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋىي ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ. ئىرقى كەمسىتىش داۋاملىق كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەتسىزلىككە يول ئېچىۋاتىدۇ»،— دېگەن. ئانتونىئو گۇتېررېس، ب د ت باش كاتىپى.
ئىرقىي باراۋەرلىك رېئاللىققا ئايلىنامدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
خۇدانىڭ ئىرقىي باراۋەرلىككە بولغان كۆزقارىشى
مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئوخشىمايدىغان ئىرقتىكى ئىنسانلارغا قانداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.
«پۈتۈن يەر يۈزىدە ياشىسۇن دەپ بارچە مىللەتلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى».—ئەلچىلەر 17:26.
«خۇدا ھەممىنى تەڭ كۆرىدىكەن. قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن».—ئەلچىلەر 10:34، 35.
مۇقەددەس كىتاب بارچە ئىنسانلارنىڭ بىر ئائىلە ئىكەنلىكىنى ۋە خۇدانىڭ ئوخشىمايدىغان ئىرقتىكى كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارە قىلىدۇ.
ئىرقىي باراۋەرلىك قانداق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ؟
ئاسماندىكى ھۆكۈمەت، يەنى خۇدا پادىشاھلىقى ئىرقىي باراۋەرلىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت ئىنسانلارغا قانداق ئۇسۇلدا باشقىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئىنسانلار قەلبىدە يىلتىز تارتقان ئىرقىچىلىق ھېس-تۇيغۇلىرىنى پۈتۈنلەي قومۇرۇپ تاشلاشنى ئۆگىنىدۇ.
«يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ھەققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ».—يەشايا 26:9.
«ھەقىقىي ئادالەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق، ھەقىقىي ئادالەتنىڭ مېۋىسى بولسا، تىنچ-خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكتۇر». (يەشايا 32:17).
بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان كىشىلەر مۇقەددەس كىتابتىن قانداق قىلىپ باشقىلارغا ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
بۇ ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن «كەمسىتىشكە شىپا بولىدىغان دورا بارمۇ؟» ناملىق «ئويغىنىش!» ژۇرنالىنى ئوقۇڭ.
ئىرقىچىلىق ھەققىدە بالىلار بىلەن قانداق سۆھبەتلىشىشنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار «ئىرقىچىلىق ھەققىدە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار.