مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

Surasak Suwanmake/Moment via Getty Images

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

2023-‏يىل ياز پە‌سلى قاتتىق ئىسسىق ھاۋا رايى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

2023-‏يىل ياز پە‌سلى قاتتىق ئىسسىق ھاۋا رايى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى كىشىلە‌ر ئە‌ڭ يۇ‌قىرى رېكورت ياراتقان ئىسسىقلىققا ۋە ئۇ‌نىڭ ئارقىسىدا مە‌يدانغا كە‌لگە‌ن تۈرلۈك ھاۋا رايى ھادىسىلىرىگە بە‌رداشلىق بېرىۋاتىدۇ.‏ تۆۋە‌ندىكى خە‌ۋە‌رلە‌رگە دىققە‌ت قىلىڭ:‏

  •   «دۇ‌نيا 174 يىلدىن بۇ‌يان خاتىرىلىنىپ كە‌لگە‌ن يە‌ر شارى كلىماتىدىكى ئە‌ڭ ئىسسىق 6 ئاينى باشتىن كە‌چۈردى».‏—‏ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى،‏ دېڭىز-‏ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا باشقۇ‌رۇ‌ش ئىدارىسى،‏ 2023-‏يىل،‏ 7-‏ئاينىڭ 13-‏كۈنى.‏

  •   «ئىتالىيە،‏ ئىسپانىيە،‏ فرانسىيە،‏ گېرمانىيە ۋە پولشانىڭ ھە‌ممىسى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ،‏ بە‌لكىم سىتسىلىيە ۋە ساردىنىيە ئارىلىدا ھاۋا تېمپېراتۇ‌رىسى 48 سېلسىيە گرادۇ‌سقا يېتىدۇ.‏ بۇ ياۋروپا تارىخىدىكى ئە‌ڭ يۇ‌قىرى تېمپېراتۇ‌را بولۇ‌شى مۇ‌مكىن».‏—‏ياۋروپا ئالە‌م قاتناش ئىدارىسى،‏ 2023-‏يىل،‏ 7-‏ئاينىڭ 13-‏كۈنى.‏

  •   «يە‌ر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئە‌گىشىپ،‏ مۆلچىرىمىزدىن تېخىمۇ كۈچلۈك،‏ تېخىمۇ كۆپ،‏ تېخىمۇ شىددە‌تلىك يامغۇ‌رلارنىڭ يېغىشىنى كۆرىمىز،‏ بۇ‌مۇ كە‌لكۈن ئاپىتىنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدۇ».‏—‏2023-‏يىل،‏ 7-‏ئاينىڭ 13-‏كۈنى،‏ دۇ‌نيا مېتېئورولوگىيە تە‌شكىلاتى،‏ گىدرولوگىيا،‏ سۇ ۋە مۇ‌زلۇ‌ق قە‌ۋىتى ئىلىمىنىڭ باش مۇ‌دىرى ستېفان ئۇ‌خلېنبۇ‌رگ.‏

 بۇ‌نداق ھە‌ددىدىن زىيادە ئىسسىق ھاۋا رايى توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ كۆپىيىشى سىزنى غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە سالامدۇ؟‏ بۇ مۇ‌ھىم ماۋزۇ ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ھە‌ددىدىن زىيادە ئىسسىق ھاۋا رايى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رامدۇ؟‏

 ھە.‏ يە‌ر شارى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى ۋە باشقا شە‌كىلدىكى پە‌ۋقۇ‌لاددە ھاۋا رايى ھادىسىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بىزنىڭ زامانىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلە‌پ،‏ «قورقۇ‌نچلۇ‌ق كۆرۈنۈشلە‌ر» ياكى «ھە‌يۋە‌تلىك ئالامە‌تلە‌رنى» كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن بېشارە‌ت قىلغان ئىدى (‏لۇ‌قا 21:‏11‏)‏.‏ يە‌ر شارىنىڭ تېمپېراتۇ‌رىسى ئۆرلىشى سە‌ۋە‌بلىك،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئىنسانىيە‌ت يە‌رنى ۋە‌يران قىلىدۇ دە‌پ قورقىدۇ.‏

يە‌ر شارى راستىنلا ۋە‌يران بولامدۇ؟‏

 ياق.‏ خۇ‌دا يە‌ر شارىنىڭ بىزنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ماكانىمىز قىلىپ ياراتقان.‏ ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇ‌نى ھالاك قىلىشىغا يول قويمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 115:‏16؛‏ ۋە‌ز 1:‏4‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ خۇ‌دا ئۆزى «يە‌ر يۈزىنى گۇ‌مران قىلغۇ‌چىلارنى گۇ‌مران قىلىدۇ».‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏18‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ يە‌ر شارىنى قوغدايدىغان كۈچ-‏قۇ‌درىتى بارلىقىنى ۋە چوقۇ‌م تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌رنىڭ قوغدايدىغانلىقى يېزىلغان.‏

  •   «ئۇ بوران-‏چاپقۇ‌نلارنى توختىتار،‏ دېڭىز دولقۇ‌نلىرىنى تىنچىتار» (‏زە‌بۇ‌ر 107:‏29‏)‏.‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ تە‌بىئە‌ت كۈچلىرىنى تىزگىنلە‌ش كۈچى بار.‏ خۇ‌دا ھازىر كىشىلە‌رنى قىيناۋاتقان پە‌ۋقۇ‌لاددە ھاۋا رايى ھادىسىسىنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇ‌ھىت مە‌سىلىلىرىنى ھە‌ل قىلالايدۇ.‏

  •   «سە‌ن يە‌رگە كۆڭۈل بۆلىسە‌ن،‏ ئۇ‌نى مۇ‌نبە‌تلە‌شتۈرۈپ،‏ مول-‏ھوسۇ‌لغا تولدۇ‌رىسە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏9‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ بە‌رىكىتى بىلە‌ن يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ.‏

 مۇ‌ھىت مە‌سىلىسى ھە‌ل قىلىنىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌دە ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «‏يە‌ر شارىنى كىم قۇ‌تقۇ‌زىدۇ؟‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ دېگە‌ن ماقالىنى كۆرۈڭ.‏