6-بۆلۈم
بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئائىلىۋى ھاياتقا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
«بالىلار — پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر» (زەبۇر 127:3).
پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كېلىشى كۆپلىگەن ئەر-ئاياللارغا ھەم خۇشاللىق ھەم غەم-تەشۋىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمدى ۋاقتى بىلەن كۈچىنىڭ كۆپ قىسمى بالا بېقىشقا كېتىدىغانلىقى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. ئۇيقىغا قانماسلىق ۋە يېڭى ھېس-تۇيغۇلار بەزىدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىڭلارنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. بالىغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىرىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىلەر يېڭى ھايات تەرزىگە ماسلىشىڭلار. مۇشۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشتە مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەر سىلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
1. ئۆزگىرىشلەرگە توغرا قاراڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلغان؟ «مېھىر-مۇھەببەت ئۇزاق سەۋرلىك ھەم مېھرىباندۇر». شۇنداقلا، مېھىر-مۇھەببەت «ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدۇ، تېرىكمەيدۇ» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4، 5). ئانا بولغانلىقتىن بارلىق ئوي-خىياللىرىڭىزنىڭ پەقەت بالىڭىزدىلا بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن ھەمراھىڭىز ئۆزىنى ئۇنتۇلغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئېرىڭىزمۇ سىزنىڭ دىققەت-ئېتىبارىڭىزغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ. سىزنىڭ سەۋرچانلىقىڭىز ۋە مېھرىبانلىقىڭىز ھەمراھىڭىزغا ئۆزىنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ھەم بالىغا غەمخورلۇق قىلىشتا زور ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
«سىلەر، ئەرلەر، بۇنىڭدىن بۇيانمۇ ئاياللىرىڭلارغا ئالغان تەلىماتىڭلارغا يارىشا مۇئامىلە قىلىڭلار» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:7). ئايالىڭىزنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ئاساسىي قىسمى بالا بېقىشقا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىشىڭىز كېرەك. يېڭى ۋەزىپىلەرگە بولا ئايالىڭىز ئۆزىنى دائىم جىددىيلەشكەن، ماغدۇرسىز سېزىدۇ ۋە ھەتتا چۈشكۈنلىشپ كېتىشى مۇمكىن. بەزى ۋاقىتلاردا ئايالىڭىز سىزگە خاپا بولىدۇ، ئامما خاتىرجەملىكنى ساقلىشىڭىز لازىم، چۈنكى «ئاسان ئاچچىق قىلمايدىغان، پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر» (پەندى-نەسىھەت 16:32). زېرەك بولۇڭ ۋە ئايالىڭىزغا دائىم يار-يۆلەك بولۇڭ (پەندى-نەسىھەت 14:29).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئاتىلار: ئايالىڭىزغا بالا بېقىشتا ياردەم بېرىڭ، بولۇپمۇ كېچىلىرى. باشقا ئىشلارغا بۆلۈنىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىپ، ئايالىڭىز بىلەن بالىڭىزغا كۆپرەك ۋاقىت بۆلۈشكە تىرىشىڭ
-
ئانىلار: ھەمراھىڭىز بالا بېقىشتا ياردەملەشمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ قولىنى قاقماڭ. ھەمراھىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن كۆڭلىڭىز سۇ ئىچمىسىمۇ، ئۇنى جېمىلىمەستىن، قانداق توغرا قىلىش كېرەكلىكىنى مېھرىبانلىق بىلەن كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ
2. ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىڭلارنى مۇستەھكەملەڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ئۇلار بىر تەن بولىدۇ» (يارىتىلىش 2:24). گەرچە ئائىلەڭلارغا يېڭى ئەزا قوشۇلسىمۇ، ئەر-ئايال «بىر تەن» ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار. ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بار كۈچۈڭلارنى ئىشلىتىڭلار.
ئاياللار، ھەمراھىڭلارنىڭ ياردىمىنى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى قەدىرلەڭلار. سىلەرنىڭ مىننەتدارلىق سۆزلىرىڭلار ھەمراھىڭىزنىڭ دەردىگە دەرماندۇر (پەندى-نەسىھەت 12:18). ئەرلەر، ئايالىڭلارنى سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىڭلارنى ئېيتىشتىن زېرىكمەڭلار. ئائىلىگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ماختاڭ (پەندى-نەسىھەت 31:10، 28).
«ھەركىم ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئەمەس، باشقىسىنىڭ پايدىسىنى ئىزدىسۇن» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:24). ھەرقاچان ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنىڭ پايدا-مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەڭ. ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشقا ۋە گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. جىنسىي مۇناسىۋەتلەردە پەقەت ئۆز ئېھتىياجلىرىڭىزنىلا ئويلىماستىن، بەلكى جۈپتىڭىزنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىنى دىققەتكە ئېلىڭ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتا: «بۇنىڭدا بىر-بىرىڭلاردىن باش تارتماڭلار، بەلكى پەقەت كېلىشىۋېلىڭلار»،— دەپ يېزىلغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:3—5). شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىنى ئوچۇق-يورۇق مۇھاكىمە قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلارغا سەۋرچان ۋە توغرا كۆزقاراشتا بولساڭلار، مۇناسىۋەتلىرىڭلار مۇستەھكەملىنىدۇ.
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئۆزئارا مۇڭدىشىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭلار
-
كىچىك سوۋغاتلار، قىسقا ئۇچۇرلار ۋە خۇش قىلىدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئۇنتۇماڭلار: مۇنداق ئىشلار ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزغا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ
3. بالىنى باق، كۆڭلىنى تاپ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «بوۋاق چېغىڭدىن مۇقەددەس يازمىلار بىلەن تونۇش بولغىنىڭ سېنى ئەيسا مەسىھتىكى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دانا قىلالايدۇ» (تىموتىيغا 2-خەت 3:15). بالىڭىزنى قانداق تەربىيىلەپ، تەلىم بېرىدىغانلىقىڭىزنى پىلانلاپ قويۇڭ. بالا تۇغۇلماي تۇرۇپ ئاجايىپ ئۆگىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە. ئۇ ھەتتا بالىياتقۇدىكى مەزگىلىدىلا ئاۋازىڭىزنى پەرق قىلىپ، ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزغا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. ئۇنىڭغا ھاياتىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا ئۈنلۈك ئوقۇڭ، ھەتتا ئۇ سىز ئوقۇۋاتقان سۆزلەرنى چۈشەنمىسىمۇ، چوڭىراق بولغاندا، بۇ ئۇنىڭغا ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
بالىغا بوۋاق چېغىدىنلا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش تېخى بالدۇر دەپ ئويلىماڭ. ئۇ سىزنىڭ يەھۋاغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلىسۇن (تەكرار قانۇن 11:19). ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناۋاتقاندا، خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ (زەبۇر 78:3، 4). بالا چوڭايغانسىرى سىزنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ خۇدانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىدۇ.
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
بالىڭىزنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ھاجەت بولغان دانالىقنى سوراپ دۇئا قىلىڭ
-
قايتىلاش ئارقىلىق بالىنى مۇھىم سۆزلەر ۋە چۈشەنچىلەرگە ئۆگىتىڭلار. شۇ چاغدا ئۇ بوۋاق چېغىدىن ئۆگىنىشكە باشلايدۇ