خۇدادىن كەلگەن خۇش خەۋەر!‏

خۇدادىن كەلگەن قانداق خۇش خەۋەر بار؟‏ نېمە ئۈچۈن شۇ خەۋەرگە ئىشىنەلەيمىز؟‏ بۇ كىتابچە مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان سوئاللارغا جاۋابلارنى بېرىدۇ

بۇ كىتابچىنى قانداق پايدىلىنىش كېرەك

بۇ كىتابچىنىڭ ياردىمى بىلەن سىز خۇدا توغرىسىدا ئۇنىڭ سۆزى —‏ مۇقەددەس كىتابتىن بىلەلەيسىز.‏ سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى پايدىلىنىپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنى قانداق تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

LESSON 1

خۇش خەۋەر نېمە ھەققىدە؟‏

خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىڭ مەناسى نېمىدە ئىكەنلىكىنى،‏ نېمىشقا بۈگۈن بۇ خەۋەر شۇنداق مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەم بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

LESSON 2

خۇدا دېگەن كىم؟‏

خۇدانىڭ ئىسمى بارمۇ ھەم ئۇ بىزنى سۆيەمدۇ؟‏

LESSON 3

مۇقەددەس كىتاب خۇدادىن كەلگەنلىكىنى قەيەردىن بىلىمىز؟‏

مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىز قەيەردىن بىلىمىز؟‏

LESSON 4

ئەيسا مەسىھ دېگەن كىم؟‏

ئەيسانىڭ نېمىشقا ئۆلگەنلىكىنى،‏ تۆلەم دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

LESSON 5

خۇدانىڭ يەرگە تېگىشلىك نىيىتى قانداق؟‏

مۇقەددەس كىتاب خۇدا نېمە ئۈچۈن يەرنى ياراتقانلىقىنى،‏ قايغۇ-‏ھەسرەت قاچان بولمايدىغانلىقىنى،‏ يەر ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار بىلەن كېلەچەكتە نېمە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.‏

LESSON 6

مەرھۇملار ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏

ئۆلگەندىن كېيىن بىز بىلەن نېمە بولىدۇ؟‏ ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىن ئادەملىرىمىزنى قايتىدىن كۆرەلەيمىزمۇ؟‏

LESSON 7

خۇدا پادىشالىقى دېگەن نېمە؟‏

خۇدا پادىشالىقىنىڭ پادىشاسى كىم ھەم خۇدا پادىشالىقى نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ

LESSON 8

خۇدا نېمىشقا ئازاپ-‏ئوقۇبەتكە يول قويىدۇ؟‏

ياۋۇزلۇق قانداق پەيدا بولغان ھەم نېمىشقا خۇدا مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئازاپ-‏ئوقۇبەتكە يول قويۇۋاتىدۇ؟‏ ئازاپ-‏ئوقۇبەتلەر بولمايدىغان ۋاقىت كېلەمدۇ؟‏

LESSON 9

بەختلىك ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ سىرى نېمىدە؟‏

يەھۋا،‏ بەختلىك خۇدا،‏ ئائىلىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىنى خالايدۇ.‏ ئەرلەر،‏ ئاياللار،‏ ئاتا-‏ئانىلار ۋە بالىلار ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەمەلىي مەسلىھەتلىرى.‏

LESSON 10

ھەقىقىي دىننى قانداق تېپىشقا بولىدۇ؟‏

ھەقىقىي دىن —‏ بىرمۇ ياكى كۆپمۇ؟‏ خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىنى پەرق قىلىدىغان بەش ئۇسۇلنى قاراپ چىقىڭ.‏

LESSON 11

نېمىشقا مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاش توغرا؟‏

ئەيسا بىز نېمىشقا باشچىلىققا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ھەم مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىككى مۇھىم پرىنسىپىنى چۈشەندۈرگەن.‏

LESSON 12

خۇداغا قانداق يېقىنلاشساق بولىدۇ؟‏

خۇدا بارلىق دۇئالارنى ئاڭلامدۇ،‏ بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەك ھەم خۇداغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايدىغىنىمىزنى بىلىۋېلىڭ.‏

LESSON 13

يالغان دىنلار بىلەن نېمە بولىدۇ؟‏

بارلىق ئادەملەر بىرلىشىپ بىردىنبىر ھەقىقىي خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ۋاقىت كېلەمدۇ؟‏

LESSON 14

خۇدا تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن كېرەك؟‏

مۇقەددەس كىتاب بىزگە مەسىھىيلەر نېمە ئۈچۈن ھەم قانداق تەشكىللانغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏

LESSON 15

نېمىشقا خۇدا ھەققىدە بىلىم ئېلىشنى توختاتماسلىق كېرەك؟‏

خۇدا ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىز باشقىلارغا قانداق پايدا ئەكېلىشى مۇمكىن؟‏ سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشىڭىز خۇداغا بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟‏