9-دەرس
بەختلىك ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ سىرى نېمىدە؟
1. نىكاھ نېمە ئۈچۈن ئائىلىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتە شۇنچە مۇھىم؟
خۇش خەۋەر «شاد-خۇرام خۇدا»، يەھۋادىن كېلىدۇ. ئۇ بارچە ئائىلىنىڭ شاد-خۇراملىق ئىچىدە بەختلىك ياشىشىنى خالايدۇ (1-تىموتىي 1:11، ي د). نىكاھنى خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان. قانۇنلۇق نىكاھ — ئائىلىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتە بەك مۇھىم. قانۇنلۇق نىكاھ پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش ئۈچۈن بىر خاتىرجەم مۇھىت ھازىرلايدۇ.
خۇدانىڭ نىكاھقا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟ خۇدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ نىكاھتا باغلىنىشىنى ۋاقىتلىق ئەمەس، ئەكسىنچە ئۈزۈلمەس بولۇشىنى خالايدۇ. خۇداغا ئىتائەت قىلغۇچىلار نىكاھنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت قانۇنىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك (لۇقا 2:1،4،5). خۇدا نىكاھتا باغلانغان ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ (ئىبرانىيلار 13:4). ئۇ ئاجرىشىشنى ئۆچ كۆرىدۇ (مالاخى 2:16). ئەمما، نىكاھلىق جورىسى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان ئەھۋالدا، خۇدا ئۆزىگە خىزمەت قىلغۇچىلارنى جورىسىدىن ئاجرىشىپ، قايتا توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.—مەتتا 19:3–6،9-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
2. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
يەھۋا ئەر-ئايالنى نىكاھتا بىر-بىرىگە تولۇقلىغۇچى بولسۇن، دەپ ياراتقان (يارىتىلىش 2:18). ئەر كىشى ئائىلىگە باش بولغان ئىكەن، ماددىي جەھەتتىن ئائىلىنى تەمىنلەش ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى خۇدا ھەققىدە تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلىشتا باشچىلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەر شەخسىيەتچى بولماي، خوتۇنىنى سۆيۈشى لازىم. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى سۆيۈشى ۋە ھۆرمەتلىشى زۆرۈر. بارلىق ئەرلەر ۋە ئاياللار نامۇكەممەل بولغان ئىكەن، نىكاھتا بەختلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچى — كەچۈرۈمچان بولۇشنى يېتىلدۈرۈشتۇر.— ئەفەسلىكلەر 4:31،32؛ 5:33؛ 1-پېترۇس 3:7-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
3. نىكاھ بەختلىك بولمىسا، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟
ئەگەر نىكاھتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، ھەر ئىككىڭلار ئۆز-ئارا مۇئامىلىدە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلىشىڭلار لازىم (1-كورىنتلىقلار 13:4،5). خۇدا سۆزى نىكاھتا دائىم پەيدا بولىدىغان مەسىلىلەرنى ئايرىلىپ ياشاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلمايدۇ.— ماركۇس 10:9-ئايەتنى ئوقۇڭ.
4. بالىلار، سىلەر ئۈچۈن خۇدا نېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟
يەھۋا سىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ ياشلىقىڭلاردىن قانداق ھوزۇر ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە پەم-پاراسىتىدىن پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشىڭلارنى خالايدۇ (كولوسىلىقلار 3:20). ياراتقۇچىمىز ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭلار ۋە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق شاد-خۇرام ياشىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.— ۋەز 11:9–12:1؛ مەتتا 19:13–15؛ 21:15،16-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
5. ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتىڭلار بەختلىك ياشىشى ئۈچۈن نېمىگە مۇھتاج؟
پەرزەنتىڭلارنى يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىڭلار كېرەك (1-تىموتىي 5:8). ئەمما، بالىلارنىڭ بەختلىك ياشىشى ئۈچۈن يەنە خۇدانى سۆيۈش ۋە خۇدانى ئۈلگە قىلىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىشىڭلار زۆرۈر (ئەفەسلىكلەر 6:4). سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلار پەرزەنتىڭلارنىڭ قەلبىگە كۈچلۈك تەسىر قىلالايدۇ. خۇدانىڭ سۆزى بويىچە پەرزەنتىڭلارغا بەرگەن تەلىم-تەربىيەڭلار، ئۇلارنى توغرا ئوي-پىكىر قىلالايدىغان قىلىپ چېنىقتۇرالايدۇ.— تەكرار قانۇن 6:4–7؛ پەندى-نەسىھەت 22:6-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
سىلەرنىڭ بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشىڭلار ۋە ماختاپ ئالقىشلىشىڭلار ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇلار ھەم تۈزىتىش ۋە ئەدەبلەشكە مۇھتاج. شۇنداق تەربىيلەش ئۇلارنى شاد-خۇراملىقتىن مەھرۇم قىلىدىغان ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن قوغداپ قالىدۇ (پەندى-نەسىھەت 22:15). ئەمما، ئەدەبلىگەندە ھەرگىزمۇ شەپقەتسىز ۋە قاتتىق قول بولماسلىق لازىم.— كولوسىلىقلار 3:21-ئايەتنى ئوقۇڭ.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مەخسۇس ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە بىر نەچچە پارچە كىتابلارنى نەشىر قىلغان. شۇ كىتابلار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن يېزىلغان.— زەبۇر 19:7،11-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.