5-دەرس
خۇدانىڭ يەرگە تېگىشلىك نىيىتى قانداق؟
1. خۇدا يەرشارىنى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟
يەھۋا ئىنسانىيەتكە يەرشارىنى بەرگەن. يەر يۈزى بىز ئىنسانلارنىڭ ماكانى. خۇدا تۇنجى بىر جۈپ، يەنى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن ياراتقان ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان ئاسماندا ياشاشقا پەرىشتىلەرنى ياراتقان (ئايۇپ 38: 4،7). خۇدا تۇنجى ئادەمنى ئېرەم باغ، دەپ ئاتالغان بەكمۇ چىرايلىق جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرغانىدى (يارىتىلىش 2:15–17). يەھۋا ئادەم-ئاتا ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى پەرزەنتلىرىنى يەرشارىدا ئەبەدىي شاد-خۇرام ياشاشتەك گۈزەل كېلەچەككە ئىگە قىلغان.— زەبۇر 37:29؛ 115:16-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
دەسلەپتە، ئېرەم باغلا جەننەت بولغان. تۇنجى بىر جۈپ ئىنسان پەرزەنتلىك بولۇپ يەر يۈزىنى تولدۇرۇشى ۋە شۇنىڭ بىلـەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەرشارىنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىنى بىر جەننەت ماكانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى (يارىتىلىش 1:28). يەرشارى ھەرگىزمۇ گۇمران قىلىنمايدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانىدۇر.— زەبۇر 104:5-ئايەتنى ئوقۇڭ.
«خۇدا يەرنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ
2. نېمە ئۈچۈن ھازىر يەرشارى بىر جەننەت ماكان ئەمەس؟
ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ياراتقۇچىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغاچ، يەھۋا ئۇلارنى شۇ باغدىن قوغلاپ چىقارغان. جەننەت يوق بولدى، ھېچ بىر ئىنسان ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرالىغان ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب: «مانا دۇنيا بولسا يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان»، دەيدۇ.— ئايۇپ 9:24، ب ج. — يارىتىلىش 3:23،24-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
يەھۋا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەسلى مەقسىتىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق، ئۇ ھەممىگە قادىردۇر. ئۇ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (يەشايا 45:18). كەلگۈسىدە ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەسلى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.— زەبۇر 37:11،34-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
3. جەننەت قانداق قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؟
ئەيسا مەسىھ، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولۇپ باشقۇرىدىغان مەزگىلدە، جەننەت يەر يۈزىدە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئارماگېدون، دەپ ئاتىلىدىغان بىر ۋەھىيلەر 20:1–3؛ 21:3،4-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
جەڭدە، ئەيسا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىگە باش بولۇپ، بارلىق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنى يوق قىلىدۇ. ئاندىن ئەيسا شەيتاننى 1000 يىللىق كىشەنلەيدۇ. شۇ يوق قىلىشتا خۇدانىڭ خەلقى ئامان قالىدۇ، چۈنكى ئەيسا يولباشچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قوغدايدۇ. شۇندا، ئۇلار يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.—4. ئازاب-ئوقۇبەتلەر قاچان يوق بولىدۇ؟
خۇدا يەر يۈزىدىكى رەزىللىكنى قاچان ئاخىرلاشتۇرىدۇ؟ ئەيسا مەسىھ شۇ ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەتنى ئېيتىپ بەرگەن. دۇنيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ۋە شۇنى كۆرسەتتىكى، بىز دەل «زامان ئاخىرىنىڭ» كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز.— مەتتا 24:3،7–14،21،22-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
ئەيسا ئاسماندا يەر يۈزى ئۈستىدىن 1000 يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان مەزگىلدە، ئۇ بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدۇ (يەشايا 9:6،7؛ 11:9). ئەيسا پادىشاھ بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن باشقا، ئۇ يەنە باش روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىپ، خۇدانى سۆيگۈچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەيسانىڭ ۋاستىسى بىلەن خۇدا ئاغرىق، قېرىلىق ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ.—يەشايا 25:8؛ 33:24-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
5. كىملەر كەلگۈسى جەننەتتە ياشايدۇ؟
خۇداغا ئىتائەتچان بولغۇچىلار كەلگۈسىدە جەننەتتە ياشايدۇ (1-يۇھاننا 2:17). ئەيسا ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى كەمتەر كىشىلەرنى تېپىپ، ئۇلارغا قانداق قىلىپ خۇدانىڭ مەقبۇل قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا مىليونلىغان كىشىلەرنى كەلگۈسىدە يەر يۈزى جەننەتتە ياشاش ئۈچۈن تەييار قىلىۋاتىدۇ (سەفنىيا 2:3). يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىدا، كىشىلەر ياخشى ئەر ۋە ئاتا، ياخشى ئايال ۋە ئانا بولۇشنى ئۆگەنمەكتە. پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا-ئانىلار بىرلىكتە ئىبادەت قىلىپ، خۇش خەۋەردىن قانداق مەنپەئەتلىنىشنى ئۆگەنمەكتە.— مىخا 4:1–4-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.