7-دەرس
خۇدا پادىشالىقى دېگەن نېمە؟
1. خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟
خۇدا پادىشاھلىقى ئاسماندىكى بىر ھۆكۈمەت. ئۇ كەلگۈسىدە باشقا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندايدۇ. خۇدا كەلگۈسىدە ئۆز پادىشاھلىقىنى مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى بىز ئۈچۈن ئاجايىپ خۇش خەۋەر! يېقىن كەلگۈسىدە، خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلار مۇھتاج بولۇۋاتقان مۇكەممەل ھۆكۈمەت سۈپىتىدە، بارچە كىشىلەرنى يەر يۈزىدە تىنچ ياشاش ئۈچۈن جەم قىلىدۇ.— دانىيال 2:44؛ مەتتا 6:9،10؛ 24:14-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
پادىشاھلىقنىڭ چوقۇم بىر پادىشاھى بولۇشى كېرەك. يەھۋا ئەڭ يېقىن سىردىشى بولغان ئەيسا مەسىھنى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تەيىنلىگەن.— ۋەھىيلەر 11:15-ئايەتنى ئوقۇڭ.
«خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ
2. نېمە ئۈچۈن ئەيسا پادىشاھ بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق؟
خۇدانىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى بولغان ئەيسا مەسىھ پادىشاھ بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيىدۇ (ئىبرانىيلار 1:9). ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ياردەم بېرىشكە قۇربىتى تامامەن يېتىدۇ، سەۋەبى ئۇ ئاسماندا پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ، يەھۋانىڭ ئوڭ يېنىدا پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈتكەنىدى (ئىبرانىيلار 10:12،13). ئاخىرى، خۇدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشنى باشلاش ھوقۇقىنى ئەيساغا بەردى.— دانىيال 7:13،14-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
3.كىملەر ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ؟
بىر گۇرۇپپا مۇقەددەسلەر، دەپ ئاتالغانلار ئەيسا بىلەن ئاسماندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ (دانىيال 7:27) ئاشۇ مۇقەددەسلەر قاتارىغا ئەيسانىڭ ساداقەتمەن ئەلچىلىرى تۇنجى بولۇپ تاللانغان. يەھۋا ساداقەتمەن ئەرلەر ۋە ئاياللارنى مۇقەددەسلەر قاتارىغا تاللاشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرماقتا. ئەيساغا ئوخشاش، ئۇلار روھى شەخس سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ.— يۇھاننا 14:1–3؛ 1-كورىنتلىقلار 15:42–44-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
لۇقا 12:32). ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ سانى 144000 غا يېتىدۇ. ئۇلار ئەيسا بىلەن بىللە يەر يۈزى ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ.— ۋەھىيلەر 14:1-ئايەتنى ئوقۇڭ.
قانچىلىك كىشى ئاسمانغا چىقىدۇ؟ ئەيسا ئۇلارنى كىچىك پادا، دەپ ئاتىغان (4. ئەيسا ھاكىميەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندا، نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟
خۇدانىڭ پادىشاھلىقى 1914-يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغان. * پادىشاھ بولۇپ، ئەيسانىڭ تۇنجى قىلغان ئىشى شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىنى ئاسماندىن يەر يۈزىگە تاشلاش بولغان. شەيتان دەرغەزەپكە كېلىپ، پۈتكۈل يەرشارىدا قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان (ۋەھىيلەر 12:7–10،12). شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ ۋاي-داد، پەريادلىرى كۆپىيىپ كەتتى. مەسىلەن، ئۇرۇشلار، ئاچارچىلىقلار، يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە يەر تەۋرەشلەر كۆپەيمەكتە. شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پات-ئارىدا يەر شارىدىكى ئىشلارنى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدىغان بىر ئالامەتتۇر.— لۇقا 21:7،10،11،31-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
5. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟
يەر شارىنى قاپلىغان ۋەز ئېيتىش خىزمىتى ئارقىلىق، خۇدا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان ھەر مىللەت كىشىلىرىدىن ئىناق-ئىتتىپاق زور بىر توپ خالايىقنى ئۇيۇشتۇردى. مىليونلىغان كەمتەر كىشىلەر ئەيسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پادىشاھلىقنىڭ پۇقراسى بولۇشماقتا. خۇدا پادىشاھلىقى بۇ رەزىل دۇنيانى ۋەيران قىلغاندا، ئۆز پۇقرالىرىنى قوغدايدۇ. شۇڭا، بارلىق خۇدا پادىشاھلىقىدىن پاناھلىق ئىزدىگۈچىلەر، ئەيسانىڭ ئىتائەتچان پۇقراسى بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك.—ۋەھىيلەر 7:9،14،16،17-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
بىر مەزگىل، يەنى 1000 يىل داۋامىدا، شۇ پادىشاھلىق خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەڭ دەسلەپتىكى ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. پۈتكۈل يەر يۈزى جەننەت ماكانغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەيسا پادىشاھلىقنى خۇداغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ (1-كورىنتلىقلار 15:24–26). سىز كىمگە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بەرمەكچىسىز؟— زەبۇر 37:10،11،29-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
^ 6-ئابزاس مۇقەددەس كىتابنىڭ 1914-يىلى ھەققىدىكى بېشارىتى توغرىسىدا تەپسىلاتلارنى، مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟ دېگەن كىتابنىڭ 216–218 گىچە بەتلىرىدىن كۆرۈڭ.