بۇ دۇنيا زادى كىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا؟
سىزنىڭچە . . .
-
خۇدانىڭمۇ؟
-
ئىنساننىڭمۇ؟
-
ياكى باشقا بىرىنىڭمۇ؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ
«پۈتۈن دۇنيا يامان بولغۇچىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىدۇر». — يوھاننىڭ 1-خېتى 5:19.
«خۇدانىڭ ئوغلى ... ئىبلىسنىڭ ئىشلىرىنى يوقاتقاي». — يوھاننىڭ 1-خېتى 3:8.
بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك
دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز. — ۋەھىي 12:12.
بۇ دۇنيانىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىپ ياخشىلىنىشىغا ئىشەنچ قىلالايسىز. — يوھاننىڭ 1-خېتى 2:17.
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
شۇنداق، ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سەۋەبى بار:
-
شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى مۇقەررەر. يەھۋا ئاللىقاچان شەيتاننىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. ئۇ ‹ئىبلىسنى... يوقىتىپ›، شەيتان پەيدا قىلغان بارلىق ۋەيرانچىلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. — ئىبرانىيلارغا 2:14.
-
خۇدا بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەيسا مەسىھنى تاللىغان. ئەيسا مەسىھ بۇ دۇنيانىڭ ھازىرقى شەپقەتسىز، شەخسىيەتچى ھۆكۈمرانىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مەسىھنىڭ پادىشاھ سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ھەققىدە، خۇدا شۇنداق ۋەدە بەرگەن: «ئىچ ئاغرىتار ئۇ ئاجىز يوقسۇللارغا، ... ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى» دەپ ۋەدە بەرگەن. — زەبۇر 72:13،14.
-
خۇدا يالغان ئېيتالمايدۇ. مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: ‹خۇدا يالغان ئېيتالمايدىغان› خۇدادۇر دەپ ئېيتىدۇ (ئىبرانىيلارغا 6:18). يەھۋا بىرەر ئىشنى قىلىشنى ۋەدە قىلسا، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى شەكسىزدۇر! (يەشايا 55:10، 11). ئېنىقكى، ‹بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى ... تاشقىرىغا تاشلىنىدۇ›. — يۇھاننا 12:31.
ئويلاپ كۆرۈڭ
بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: زەبۇر 37:10،11 ۋە ۋەھىي 21:3،4.