ئۆگەنگەنلىرىڭىزدىن ئەمەلىي پايدىلىنىڭ
بىرسىدىن ياردەم سوراڭ: سىزگە بۇ كىتابچىنى بەرگەن كىشى مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ ياكى jw.org تور بېكىتىمىزگە كىرىپ ئىلتىماسنى تولدۇرۇڭ.
بىرىنچى بۆلەك
ھەر بىر ئابزاس، مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى تەكىتلەيدىغان (1) قېنىق بويالغان سوئاللار ۋە (2) ئايەتلەرنى ئوقۇڭ. بەزى «ئوقۇڭ»، دەپ كۆرسىتىلگەن ئايەتلەرگە دىققەت قىلىڭ.
ئىككىنچى بۆلەك
(3) داۋامىدا نېمىلەرنى قىلىش «چوڭقۇرراق قېزىڭ»، دېگەن جاينىڭ ئاستىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ. (4) ماۋزۇلار مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى تونۇشتۇرىدۇ. (5) ئايەتلەرنى ئوقۇڭ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ ۋە فىلىملەرنى كۆرۈڭ.
(6) سۈرەتلەر ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ، (7) «بەزىلەر شۇنداق دەيدۇ»، دېگەن جايدىكى سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە ئويلىنىڭ.
ئۈچىنچى بۆلەك
(8) «خۇلاسە» ۋە «تەكرارلاش» بىلەن ئۆگىنىش تاماملىنىدۇ. شۇ كۈننى يېزىپ قويۇڭ. (9) «مەقسەت»، سىز قىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (10) «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ»، دېگەن جايدا ئۆزىڭىز ئوقۇش ياكى كۆرۈشكە بېرىلگەن قوشۇمچە مەلۇماتلار بار.
يازمىلاردىن ئايەتلەرنى تېپىش
مەسىلەن، ۋەھىي 21:4 كەلتۈرۈلگەن بولسا، ۋەھىي (1) كىتابنىڭ نامىنى، (2) 21، بۇ سان بابنى، (3) 4، بۇ سان ئايەتنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە بىر نەچچە ئايەت كەلتۈرۈلۈشى مۇمكىن.