تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
بىزنىڭ ناخشىلارنى يادلاۋېلىڭ
«بەزىدە كۆڭلۈم چۈشۈپ، قەدىر-قىممىتىم يوقتەك ھېس قىلىمەن. شۇ چاغدا، يەھۋا خۇدا ماڭا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ناخشىلار ئارقىلىق ئىلھام بېرىدۇ».—لورېين، ئامېرىكا.
ناخشىلىرىمىز — ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى (كولوسى. 3:16). بۇ ناخشىلارنى يادلاۋالسىڭىز، ھەتتا ناخشا كىتابى ياكى ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىڭىز بولمىسىمۇ، ئۇلار سىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ناخشىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. ئەگەر ناخشىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسىڭىز، ئۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاش ئاسانراق بولىدۇ. ناخشىلارنىڭ ھەممىسى، مەسىلەن، JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ناخشىلار ۋە بالىلار ئۈچۈن ناخشىلار jw.org تور بېكىتىدە «مۇزىكا» دېگەن يەردە كۆرسىتىلىدۇ.
ناخشىلارنىڭ سۆزلىرىنى يېزىپ قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇنى چاپسانراق يادلاۋالىسىز.—تەكرار. قا 17:18.
ناخشىنى ئېيتىڭ. سۆزلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇڭ ياكى ناخشا ئېيتىڭ.
ئېسىڭىزدە ساقلىغىنىڭىزنى تەكشۈرۈڭ. سۆزلىرىگە قارىماي ئېيتىپ كۆرۈڭ ۋە قانچىلىك يادلاۋالغىنىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.