48-تەتقىق ماقالىسى
قىيىن ۋاقىتلاردا يەھۋاغا تايىنىڭ
«‹سىلەر ھەممىڭلار جاسارەتلىك بولۇڭلار، … چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن›،— دەيدۇ قوشۇنلارنىڭ سەركەردىسى يەھۋا».—ھاگاي 2:4.
54-ناخشا ئېتىقادتا چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە: a
1، 2. (1) بىزنىڭ ئەھۋالىمىز بىلەن يېرۇسالىمغا قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى بار؟ (2) يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىقلارنى ئېيتىپ بېرىڭ (« ھاگاي، زەكەرىيا ۋە ئەزرانىڭ زامانى» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
سىز بەزىدە كېلەچەك ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلامسىز؟ بەلكىم، خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغانسىز ۋە ئائىلىڭىزنى قانداق بېقىش توغرۇلۇق ئەنسىرىۋاتقانسىز. مۇقىمسىز سىياسىي ۋەزىيەت، زىيانكەشلىك ياكى ۋەز قىلىشىمىزغا قارشى چىققۇچىلار سەۋەبلىك، ئائىلىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن غەم-ئەندىشە قىلغانسىز. مۇشۇ قىيىنچىلىقلاردىن قانداقتۇ بىرىگە دۇچ كېلىۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، قەدىمقى ئىسرائىل خەلقى ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋانىڭ ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىش سىزگە ئىلھام بېرىدۇ.
2 ئۆمۈر بويى بابىلوندا ياشىغان ئىسرائىللار ئۈچۈن، ياخشى تۇرمۇش شارائىتلىرىنى تاشلاپ، كۆپىنچىلىرىگە ناتونۇش بىر زېمىنغا بېرىش كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادى بولۇشنى تەلەپ قىلالاتتى. ئۇلار يېرۇسالىمغا كەلگەندە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، ئائىلىلىرىنى بېقىش قىيىن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار قوشنا خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. شۇڭا، بەزىلەرنىڭ يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياساش ئىشىغا پۈتۈنلەي كىرىشىشى قىيىن بولغان. مىلادىدىن بۇرۇن 520-يىلى يەھۋا ھاگاي ۋە زەكەرىيا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. ئۇلار خەلققە ئىلھام-مەدەت بېرىپ، شۇ ئىشنى قايتىدىن قىزغىنلىق بىلەن قىلىشىغا ياردەم بەرگەن (ھاگاي 1:1؛ زەكەرىيا 1:1). ھازىر كۆرىمىزكى، بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ خىزمىتى ئۈنۈملۈك بولغان. تەخمىنەن 50 يىلدىن كېيىن يېرۇسالىمغا قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلار يەنە ئىلھام-مەدەتكە مۇھتاج بولغان. يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتكۈچى ئەزرا شۇ چاغدا بابىلوندىن يېرۇسالىمغا قايتىپ كېلىپ، خۇدا خەلقىنى ھاياتىدا پاك ئىبادەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرغان.—ئەزرا 7:1، 6.
3. بىز قانداق سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟ (پەندى-نەسىھەت 22:19)
3 ھاگاي ۋە زەكەرىيا يەتكۈزگەن بېشارەتلەر خۇدا خەلقىنىڭ قارشىلىقلارغا قارىماي داۋاملىق يەھۋاغا تايىنىشىغا ياردەم بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بېشارەتلەر بىزگىمۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، يەھۋانىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا داۋاملىق ئىشەنچ قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ (پەندى-نەسىھەت ئوقۇڭ). ھاگاي ۋە زەكەرىيا بېشارىتىنى ۋە ئەزرانىڭ مىسالىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، مۇنۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپالايمىز: ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلارغا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار قانداق تەسىر قىلغان؟ بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىمىزدا داۋاملىق بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك؟ قىيىن پەيتلەردە يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ 22:19-نى
قىيىنچىلىقلار يەھۇدىيلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ چاچقان
4، 5. يەھۇدىيلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىدا قىزغىنلىقى سوۋۇپ كېتىشكە نېمە سەۋەب بولغان؟
4 يۇرتىغا قايتقان يەھۇدىيلار ئۈچۈن يېرۇسالىمدا نۇرغۇن ئىشلار بار ئىدى. ئۇلار تېزلا يەھۋاغا قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتا ياساپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇل ئاساسىنى قويغان (ئەزرا 3:1–3، 10). ئەمما، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قىزغىنلىقى ئۇزۇن ئۆتمەيلا سوۋۇپ كەتكەن. چۈنكى، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىن باشقا، ئۇلار ئۆي سېلىشى، دېھقانچىلىق قىلىشى ۋە ئائىلىسىنى بېقىشى كېرەك ئىدى (ئەزرا 2:68، 70). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىنى قايتا ياساش ئىشىنى توختىتىشنى پىلانلىغان دۈشمەنلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.—ئەزرا 4:1–5.
5 يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلار مۇقىمسىز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇ چاغدا، ئۇلار ياشايدىغان زېمىن پارس ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 530-يىلى پارس پادىشاھى قورەش ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەختىگە كامبىس ئىسىملىك كىشى ئولتۇرغان. كېيىن، ئۇ مىسىرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن باشلاپ، ھەربىي ھۇجۇمغا ئاتلانغان. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى مىسىرغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، ئىسرائىللاردىن يېمەكلىك، سۇ ۋە تۇرىدىغان جاي سوراپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. كامبىسنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان دارىئوس 1-نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پارس ئىمپېرىيىسىدە قوزغىلاڭ بولۇپ، دائىم سىياسىي مۇقىمسىزلىق بولۇپ تۇرغان. شۇنداق ۋەزىيەتلەر ناھايىتى ئېنىقكى، يۇرتىغا قايتقان نۇرغۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى بېقىشى توغرۇلۇق غەم-ئەندىشىگە سالغان. شۇڭا، بەزى يەھۇدىيلار شۇ ۋاقىتنى يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياساشنىڭ مۇۋاپىق پەيتى ئەمەس دەپ ئويلىغان.—ھاگاي 1:2.
6. زەكەرىيا 4:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۇدىيلار يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە زەكەرىيا پەيغەمبەر ئۇلارنى قانداق ئىلھاملاندۇرغان؟
6 زەكەرىيا 4:6، 7-نى ئوقۇڭ. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە سىياسىي مۇقىمسىز ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپلا قالماي، يەھۇدىيلار يەنە زىيانكەشلىككە ھەم ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 522-يىلى، دۈشمەنلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياساش ئىشىنى توسۇپ قويغان. ئەمما، زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۇدىيلارنى يەھۋا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك روھىنى ئەۋەتىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى پادىشاھ دارىئوس قۇرۇلۇش ئىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنى داۋاملىق ياسىشىغا يول قويغان. ھەتتا يەھۇدىيلارغا قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇل بەرگەن ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە بۇيرىغان.—ئەزرا 6:1، 6–10.
7. ئۆز يۇرتىغا قايتقان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندا قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟
7 يەھۋا خۇدا ھاگاي ۋە زەكەرىيا ئارقىلىق، ئۆز خەلقى ئىبادەتخانىنى قايتا ياساش ئىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بولسا، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (ھاگاي 1:8، 13، 14؛ زەكەرىيا 1:3، 16). مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى يەھۇدىيلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىلھام-مەدەت بېرىشى بىلەن ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى قايتا باشلىغان ۋە 5 يىلغا يەتمەي قۇرۇلۇش ئىشىنى تاماملىغان. يەھۇدىيلار ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەپ بەرگەن. نەتىجىدە، ئۇلار يەھۋاغا خۇشال-خۇرام ئىبادەت قىلالىغان.—ئەزرا 6:14–16، 22.
خۇدانىڭ ئىرادىسىنى داۋاملىق بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ
8. ھاگاي 2:4-ئايەتتىكى سۆزلەر خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ئىزاھاتقا ھەم قاراڭ)
8 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت يېقىنلاپ كەلگەنسېرى، بىز ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بەكرەك ھېس قىلىمىز (ماركۇس 13:10). ئەمما، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ياكى ۋەز خىزمەتتە قارشىلىقلارغا دۇچ كەلسەك، پۈتۈن قىزغىنلىقىمىز بىلەن خىزمەتكە قاتنىشىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ «قوشۇنلارنىڭ سەردارى يەھۋا» b بىزگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر داۋاملىق خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، خۇدا چوقۇم بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە بىز ھېچنېمىدىن قورقمايمىز.—ھاگاي 2:4-نى ئوقۇڭ.
9، 10. بىر جۈپ ئەر-ئايال مەتتا 6:33-ئايەتتە يېزىلغان ئەيسانىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا قانداق كۆز يەتكۈزگەن؟
9 پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان بىر جۈپ ئولېگ ۋە ئىرىنانىڭ c مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار باشقا بىر جايدىكى جامائەتكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆچۈپ بارغان. بىراق، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بارغانسېرى ناچارلىشىشقا باشلىغاچ، ئۇلار خىزمەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. تەخمىنەن بىر يىلچە مۇقىم ئىشلىرى بولمىغان، بىراق ئۇلار ھەردائىم يەھۋانىڭ غەمخورلۇقىغا ۋە ياردىمىنى ھېس قىلغان ۋە بەزىدە قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئۇلار ئاشۇ قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇرالىغان؟ دەسلەپتە ئولېگ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئازىراق ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق ۋەز قىلغان. ئولېگ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەز خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇش بىزگە دىققىتىمىزنى ئەڭ مۇھىم ئىشقا قارىتىشقا ياردەم بەردى».
10 بىر كۈنى ۋەز خىزمەتتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، قوشنىسى ئۇلارغا بىر يېقىن دوستىنىڭ ئىككى خالتا يېمەكلىك ۋە تۇرمۇشقا كېرەكلىك بەزى نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ دوستى 160 كىلومېتر سەپەر قىلىپ شۇ نەرسىلەرنى ئەكەلگەنىدى. ئولېگ مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنى، بىز يەھۋا خۇدا ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىدىغانلار ئۈمىدسىز ئەھۋالغا چۈشكەندە، ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.—مەتتا 6:33.
11. خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟
11 يەھۋا دىققىتىمىزنى ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان شاگىرتلارنى تەييارلاش ئىشىغا قارىتىشىمىزنى خالايدۇ. 7-ئابزاستا تىلغا ئېلىنغاندەك، ھاگاي پەيغەمبەر يەھۋانىڭ خەلقىنى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن باشلاشقا دەۋەت قىلغان. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلەيدىغانلىقى ۋەدە قىلغان (ھاگاي 2:18، 19). بىزمۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىزكى، ئەگەر پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يەھۋا بىزگە تاپشۇرغان خىزمەتنى قىلساق، چوقۇم ئۇنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشەلەيمىز.
يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز
12. نېمە ئۈچۈن ئەزرا ۋە بابىلوندىن يۇرتىغا قايتقان يەھۇدىيلارنىڭ كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادقا ئېھتىياجى بولغان؟
12 مىلادىدىن ئىلگىرى 468-يىلى ئەزرا ئىككىنچى بىر توپ يەھۇدىيلار بىلەن يېرۇسالىمغا قايتىپ كەلگەن. ئۇلار بۇ خەتەرلىك سەپەرنى قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادقا مۇھتاج ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىغا ئىئانە قىلىنغان نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ يۈرگەچ، ئاسانلا قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالاتتى (ئەزرا 7:12–16؛ 8:31). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي يېرۇسالىمنىڭ ئۆزىمۇ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلگەن. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئىنتايىن شالاڭ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، تاملىرى ۋە دەرۋازىلىرى رېمونت قىلىشقا مۇھتاج ئىدى. ئەزرانىڭ مىسالىدىن يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇش توغرۇلۇق نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
13. ئەزرا يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق كۈچلەندۈرگەن؟ (ئىزاھاتقا ھەم قاراڭ)
13 ئەزرا قىيىن ۋاقىتتا يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرگەن. مۇنىڭدىن يىللار ئىلگىرى، يەنى مىلادىدىن ئىلگىرى 484-يىلى ئەزرا بابىلوندا ياشىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ئاخاشۋېروش پۈتۈن پارس ئىمپېرىيىسىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقارغان (ئەست. 3:7، 13–15). ئەزرانىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە قالغان ئىدى! شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ھەربىر ئۆلكىدىكى يەھۇدىيلار روزا تۇتۇپ، يىغا-زار قىلىشقان. بەلكىم، ئۇلار يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن يول-يورۇق سورىغان (ئەست. 4:3). بىراق، كېيىن ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇ ۋاقىتتا ئەزرا ۋە ئۇنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ! (ئەست. 9:1، 2). نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن مۇشۇ ۋەقەلەر ئەزراغا كېلەچەكتىكى سىناقلارغا تەييار بولۇشىغا ۋە يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى قوغداپ قالالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشكە ياردەم بەرگەن d.
14. بىر قېرىنداش قىيىنچىلىقلاردا يەھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرۈپ، نېمىنى ئۆگەنگەن؟
14 بىز مۇقىمسىز ۋەزىيەتلەردە يەھۋانىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشسەك، ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شەرقىي ياۋرۇپادا ياشايدىغان ئاناستاسىيانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ بىتەرەپلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشىدىن ئايرىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەزەلدىن پۇلسىز ۋەزىيەتكە چۈشۈپ باقمىغان. مەن بۇ ئىشنى يەھۋاغا تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ماڭا قانداق كۆيۈنگەنلىكىنى كۆردۈم. كېلەچەكتە مەن يەنە بىر قېتىم خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسام، ھەرگىزمۇ قورقمايمەن. ئاسماندىكى ئاتىمىز بۈگۈن ماڭا غەمخورلۇق قىلغان بولسا، ئەتە ھەم چوقۇم ماڭا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
15. ئەزرانىڭ يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچلەندۈرۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ (ئەزرا 7:27، 28)
15 ئەزرا يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرگەن. ئەزرا يەھۋانىڭ ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئويلانغاندا، بۇ ئۇنىڭغا يەھۋاغا داۋاملىق ئىشىنىشىگە ياردەم بەرگەن. بۇنى ئۇنىڭ: «خۇدايىم يەھۋانىڭ قولى ئۈستۈمدە بولغاچ» دېگەن سۆزلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ (ئەزرا 7:27، 28-نى ئوقۇڭ). ئەزرا ئۆزى قەلەمگە ئالغان يازمىلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئالتە قېتىم ئىشلەتكەن.—ئەزرا 7:6، 9؛ 8:18، 22، 31.
16. قانداق ۋەزىيەتلەردە، يەھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرەلەيمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
16 بىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، بىر چوڭ ئىبادەت يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خوجايىنىمىزدىن رۇخسەت سوراشقا ياكى جامائەت ئىبادەت يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىش ۋاقتىمىزنى ئۆزگەرتىشنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق چاغلاردا، بىزدە يەھۋانىڭ ياردىمىنى كۆرۈشنىڭ پۇرسىتى بولىدۇ. نەتىجىدە، ئىشلار بىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە، يەھۋاغا بولغان ئېتىقادىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
17. قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئەزرا كەمتەرلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
17 ئەزرا كەمتەرلىك بىلەن يەھۋادىن ياردەم سورىغان. ئۇ ھەر قېتىم بىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا بېسىم ھېس قىلسا، يەھۋا خۇداغا كەمتەرلىك بىلەن دۇئا قىلغان (ئەزرا 8:21–23؛ 9:3–5). باشقىلار ئەزرانىڭ يەھۋاغا شۇنداق تايانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلار ئەزرانى قوللاشقا ۋە ئۇنىڭ ئىمانىدىن ئۈلگە قىلىشقا ھەرىكەت قىلغان (ئەزرا 10:1–4). ئەگەر بىز ماددىي ئېھتىياجلىرىمىز ياكى ئائىلىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى توغرۇلۇق غەم-ئەندىشە قىلىپ، بېسىم ھېس قىلساق، چوقۇم ئىشەنچ بىلەن يەھۋاغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
18. يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
18 ئەگەر بىز كەمتەرلىك بىلەن يەھۋادىن يول-يورۇق ئىزدەپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلساق، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىز كۈچىيىدۇ. ئېرىكا ئىسىملىك ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى قىيىن ئەھۋالدىمۇ يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ھەردائىم ئىشەنگەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ قورسىقىدىكى بالىسىدىن ۋە قەدىردان يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ ئاشۇ قىيىن ۋاقىتلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا خۇدا سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇلدا ياردەم بېرەلەيدۇ. مەن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، دوستلىرىمىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى، قىلغان ئىشلىرى يەھۋانىڭ دۇئالىرىمغا قايتۇرغان جاۋابلىرى بولدى. مەن دوستلىرىمغا ئىچ باغرىمنى تۆكۈپ بەرگەندە، ئۇلار ماڭا تېخىمۇ ئاسانراق ياردەم بېرەلەيدۇ».
يەھۋاغا ئاخىرغىچە ئىشەنچ قىلىڭ
19، 20. يېرۇسالىمغا قايتمىغان يەھۇدىيلارنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
19 بىز يەنە يېرۇسالىمغا قايتىپ كېتەلمىگەن يەھۇدىيلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ياشىنىپ قالغان، ئېغىر كېسىلى بولغان ياكى ئائىلىسىنىڭ ۋەزىيىتى قايتىپ كېتىشكە ئىمكانىيەت ياراتمىغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلار قايتىپ ماڭغانلارغا خۇشاللىق بىلەن ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن (ئەزرا 1:5، 6). بىرىنچى توپ يەھۇدىيلار يېرۇسالىمغا قايتىپ، تەخمىنەن 19 يىل ئۆتكەندە، بابىلوندا قالغانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن داۋاملىق ھەدىيەلىرىنى ئەۋەتكەن.—زەكەرىيا 6:10.
20 بىز ئۆزىمىز ئويلىغاندەك كۆپرەك خىزمەت قىلالمىساقمۇ، يەھۋا بىزنىڭ چىن يۈرەكتىن قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىغا گۇمان قىلمىساق بولىدۇ. بۇنى قەيەردىن بىلىمىز؟ بۇنى يەھۋانىڭ زەكەرىياغا بۇيرىغان ئىشلىرىدىن كۆرەلەيمىز. شۇ ۋاقىتتا يەھۋا زەكەرىيانى بابىلوندىن ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن بىر تاج ياساشقا بۇيرۇغان (زەكەرىيا 6:11). بۇ يوغان «تاج» ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ سېخىيلىق بىلەن بەرگەن ئىئانىلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرغان (زەكەرىيا 6:14). دېمەك، شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن پەيتلەردە، يەھۋا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارچە تىرىشچانلىقىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.—ئىبرانىي. 6:10.
21. كەلگۈسىدە قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
21 بىز ئاخىرقى كۈنلەردە ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز، كەلگۈسىدە ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن (2-تىموت. 3:1، 13). بىراق، غەم-تەشۋىشكە پېتىپ قېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. يەھۋانىڭ ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنى ئەستە ساقلاڭ: «مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن … سىلەر قورقماڭلار» (ھاگاي 2:4، 5). شۇڭا، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلساق، يەھۋانىڭ چوقۇم بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلەيمىز. بىز ھاگاي ۋە زەكەرىيانىڭ بېشارەتلىرىدىن ۋە ئەزرانىڭ مىسالىدىن ئۆگەنگەن ساۋاقلارنى ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قەتئىي ساقلىيالايمىز.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a بۇ ماقالە، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا، مۇقىمسىز سىياسىي ۋەزىيەتكە ياكى ۋەز خىزمىتىمىزگە قارشى تۇرغۇچىلارغا يولۇققاندا، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان.
b «قوشۇنلارنىڭ سەركەردىسى يەھۋا» دېگەن ئىبارە، ھاگاي كىتابىدا 14 قېتىم ئۇچرايدۇ. بۇ يەھۋانىڭ قۇدرەتلىك كۈچ-قۇدرىتىنى ۋە ئۇ ئاسماندىكى سان-ساناقسىز پەرىشتىلەر قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.—زەبۇر 103:20، 21.
c بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d ئەزرا يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىش ئىشىغا ماھىر بولغان. ئۇ يەنە يېرۇسالىمغا كېلىشتىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن ئىدى (2-تارىخ. 36:22، 23؛ ئەزرا 7:6، 9، 10؛ يەرەم. 29:14).
e سۈرەتتە. بۇرادەر چوڭ يىغىلىشقا بېرىش ئۈچۈن باشلىقىدىن رۇخسەت سوراۋاتىدۇ، بىراق ئۇ رۇخسەت بەرمىدى. باشلىقىنىڭ ئالدىغا يەنە كېلىشنىڭ ئالدىدا بۇرادەر يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، يول-يورۇق سوراۋاتىدۇ. ئۇ باشلىقىغا چوڭ يىغىلىشنىڭ پروگراممىسىنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس كىتاب ئادەملەرنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىۋاتىدۇ. باشلىق ھەيران بولۇپ، قارارىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.