ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر
بۇ سان «كۈزىتىش مۇنارى»دىكى بەش تەتقىق ماقالىسى تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ:
بىرىنچى، يەھۋا بىزنى سۆيگەچ، گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز ئۈچۈن نېمىنى ئورۇنلاشتۇرغان؟
ئىككىنچى، چىن قەلبىدىن ھەقىقىي توۋا قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە يەھۋا گۇناھكارلارنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئۈچۈن قانداق ياردەم بەرگەن؟
ئۈچىنچى، يەھۋا كورىنت جامائىتىدىكى قېرىنداشلارغا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە توۋا قىلمىغان بىر كىشىگە مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە قانداق كۆرسەتمە بەرگەن؟
تۆتىنچى، بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللار ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
بەشىنچى، توۋا قىلمىغان كىشى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلسە، ئېتىقادداشلار ئۇنىڭغا داۋاملىق مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەتنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟