خۇدا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن. چۈنكى ئۇ، يەر يۈزىدە دەھشەتلىك ئىش-ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى خۇدانىڭ ئىرادە ئەمەسلىكىنى ۋە پەقەت خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەر يۈزىدىكى بارچە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنداقتا، خۇدا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
خۇدا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان نېمە ئىشلارنى قىلدى؟
ئالدىنقى ماقالىدە، ئەيسا پەيغەمبەر بېشارەت قىلغان ئىش-ۋەقەلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلدۇق. بۇ ئالامەتلەردىن ئىسپاتلارنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇدا پادىشاھلىقى 1914-يىلى ئاللىقاچان ئاسماندا تىكلەندى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئەيسا مەسىھ تەختتە ئولتۇردى.
مۇقەددەس كىتابتا، ھەزرىتى ئەيسا پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىنى ئاسماندىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلار پەقەت يەر يۈزىگە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ دەل، 1914-يىلدىن بۇيان دۇنيادا شۇنچە كۆپ يامان ئىش-ۋەقەلەر كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.—ۋەھىيلەر 12:7، 9.
دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى بۇنداق ناچارلىشىپ كېتىشىگە قارىماي، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئەيسا مەسىھ پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بېشارەت قىلغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم-تەربىيە بېرىش خىزمىتىنىڭ ياردىمىدە نۇرغۇن ئىنسانلار مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى يەشايا 2:2–4). مىليونلىغان كىشىلەر بەختلىك ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ سىرىنى تاپالىدى؛ ئىش-ئەمگەككە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشنى، يەنى ماددىي نەرسىلەرگە قول بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇلاردىن توغرا ئۇسۇلدا بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگەندى. بۇ تەلىم-تەربىيە ئۇلارنى ھازىر بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ قالماي، يەنە ئۇلارغا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ياخشى پۇقراسى بولۇشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
ئۆگىنىپ، ئۇلارنى تۇرمۇشىدا ئەمەلىي قوللىنىۋاتىدۇ (پات-يېقىندا خۇدا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
گەرچە ھەزرىتى ئەيسا ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان بولسىمۇ، يەر يۈزىدە يەنىلا ئىنسانلار ھۆكۈمرانلىق قىلىشىۋاتىدۇ. بىراق، خۇدا ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھكە مۇنداق دېگەن: «دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغىن» (زەبۇر 110:2). پات-يېقىندا، ئەيسا مەسىھ بارچە دۈشمەنلىرىنى تامامەن يوق قىلىپ، خۇداغا بويسۇنۇشنى خالىغانلارنى قىيىنچىلىقلاردىن خالاس قىلىپ، ئارام-بەخش تاپقۇزىدۇ.
پات-يېقىندا خۇدا پادىشاھلىقى مۇنۇ ئىشلارنى قىلىدۇ:
-
ساختا دىنلارنى تامامەن يوق قىلىدۇ. خۇدا ھەققىدە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان دىنلار پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ساختا دىننى پاھىشە ئايال بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ تامامەن يوق قىلىنىشى نۇرغۇن ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ.—ۋەھىيلەر 17:15، 16.
-
ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. خۇدا پادىشاھلىقى بارچە ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى ۋەيران قىلىدۇ.—ۋەھىيلەر 19:15، 17، 18.
-
رەزىل ئادەملەرنى يوق قىلىدۇ. ئۇنداقتا، داۋاملىق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋە خۇداغا بويسۇنۇشنى رەت قىلغانلارغا نېمە بولار؟ «رەزىللەر يەر يۈزىدىن كېسىلىپ تاشلىنار».—پەندى-نەسىھەت 2:22.
-
شەيتان ۋە جىنلارنى يوق قىلىدۇ. شەيتان ۋە جىنلار ‹مىللەتلەرنى يەنە ئازدۇرالمايدۇ›.—ۋەھىيلەر 20:3، 10.
خۇدا پادىشاھلىقى ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟
خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟
ئاسماندا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان ئەيسا كېلەچەكتە ھېچقانداق بىر ئىنسانىي ھۆكۈمران قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىۋېلىنغان 144000 ھۆكۈمران ئەيسا مەسىھ بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ (ۋەھىيلەر 5:9، 10؛ 14:1، 3). ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزىدە ياشايدىغان ئىنسانلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدۇ؟
-
كېسەللىكلەر ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ. «ھېچكىم: «مەن كېسەل»،— دېمەيدۇ» ۋە «ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ».—يەشايا 33:24؛ ۋەھىيلەر 21:4.
-
ھەقىقىي تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئورنىتىدۇ. «بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە يەھۋا تەلىم بېرىدۇ» ۋە «ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ».—يەشايا 54:13؛ مىكاھ 4:4.
-
كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىشنى تاپشۇرىدۇ. «مەن تاللىغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەجىر-مېھنىتىدىن تولۇق ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلار بىكاردىن-بىكارغا جاپالىق ئىشلىمەيدۇ».—يەشايا 65:22، 23.
-
مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. «جاڭگال ۋە قۇرۇپ قاغجىرىغان يەر خۇشال بولىدۇ، چۆل-باياۋان شادلىنىپ، زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ».—يەشايا 35:1.
-
ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، سەن يېگانە ھەق خۇدانى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشى كېرەك».—يۇھاننا 17:3.
ياراتقۇچى يەھۋا سىزنىڭمۇ مۇشۇ بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزنى خالايدۇ (يەشايا 48:18). كېيىنكى ماقالىدە، ھازىر نېمە قىلسىڭىز، كېلەچەكتە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.