سۆھبەت | ئانتونىئو دېللا-گاتتا
نېمە ئۈچۈن بىر روھانىي چىركاۋدىن كەتتى؟
ئانتونىئو دېللا-گاتتا، رىمدا 9 يىل بىلىم ئالغاندىن كېيىن، 1969-يىلى روھانىي بولۇپ تەيىنلەنگەن. كېيىنرەك، ئۇ ئىتالىيىنىڭ نېئاپول شەھىرىگە يېقىن جايلاشقان دىنىي مەكتەپتە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. كۆپ ئىزدىنىپ، چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ كاتولىك دىنى مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانمايدۇ دېگەن خۇلاسىگە كەلگەنىدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن چىركاۋدىن كەتكەنلىكىنى «ئويغىنىش!» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بەرگەن.
مەرھەمەت، بالىلىق چاغلىرىڭىز توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىڭ.
مەن 1943-يىلى ئىتالىيىدە تۇغۇلدۇم. ئائىلىمىز بىلەن كىچىككىنە بىر يېزىدا ياشىدۇق. دادام دېھقان ۋە ياغاچچى ئىدى. ئاتا-ئانىمىز بىزنى ياخشى كاتولىك قىلىپ تەربىيىلىگەن.
نېمە ئۈچۈن روھانىي بولۇشنى خالىدىڭىز؟
بالىلىق چېغىمدا چىركاۋدىكى روھانىيلارنىڭ ئېيتقانلىرى ياخشى كۆرەتتىم. روھانىيلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرىنى ھەۋەس بىلەن تىڭشايتتىم ۋە چىركاۋ مۇراسىملىرى مېنى ھەيران قالدۇراتتى. شۇڭا، مەن روھانىي بولۇشنى خالىغانىدىم. 13 ياشقا كىرگەندە، ئاپام مېنى ئوغۇل بالىلارنى تەربىيىلەيدىغان ياتاقلىق مەكتەپكە ئوقۇشقا بەردى. ئۇ يەردە ئوغۇل بالىلارنى كېلەچەكتە روھانىي بولۇشىغا تەربىيىلەيتتى.
ئۇ يەردە سىلەرگە مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بەردىمۇ؟
ياق. 15 يېشىمدا ئوقۇتقۇچى ماڭا ئىنجىل، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتى بايان قىلىنغان خۇش خەۋەر كىتابنى بەرگەن ئىدى ۋە مەن ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. 18 يېشىمدا رىمغا بېرىپ، بىۋاسىتە رىم پاپىسى رەھبەرلىكى ئاستىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا چۈشتۈم. شۇ يەردە مەن لاتىن ھەم گرېك تىللىرىنى، تارىخ، پەلسەپە، پسىخولوگىيە ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىقنى ئۆگەندىم. گەرچە يەكشەنبە كۈنىدىكى ۋەز-نەسىھەت مۇراسىمىدا، مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنى يادلاپ، مۇقەددەس كىتاب ئوقۇلغاندا تىڭشىغان بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنمىگەنىدۇق.
سىز مەكتەپ مۇدىرى بولغاندا، مۇقەددەس كىتابتىن باشقىلارغا تەلىم بەردىڭىزمۇ؟
كۆپىنچە ۋاقىتتا، مەمۇرىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتىم. بىراق، ۋاتىكاننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كېڭەش يىغىنىنىڭ قارارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى بېرەتتىم.
كېيىن نېمە ئۈچۈن چىركاۋنىڭ تەلىماتلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىڭىز؟
چۈنكى، ئۈچ نەرسە مېنى تەشۋىشلەندۈرەتتى. بىرىنچى، چىركاۋ سىياسەتكە ئارىلىشاتتى. ئىككىنچى، چىركاۋ روھانىيلار بىلەن جامائەت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئەخلاقسىزلىققا كۆز يۇماتتى. ئۈچىنچى، كاتولىك چىركاۋسىنىڭ بەزى تەلىماتلىرى ماڭا ناتوغرا تۇيۇلاتتى. مەسىلەن، مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا قانداقمۇ ئۆلگەنلەرنى مەڭگۈ قىينىشى مۇمكىن؟ ياكى بولمىسا، خۇدا بىزدىن تەسۋى ساناپ، يادلىۋالغان دۇئالارنى نەچچە يۈز قېتىملاپ تەكرارلاشنى تەلەپ قىلامدۇ؟
خوش، كېيىن سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز؟
خۇداغا ماڭا يول كۆرسىتىشىنى سوراپ، كۆز ياشلىرىم بىلەن ئىلتىجا قىلدىم. يېقىندىلا ئىتالىيان تىلىدا نەشىر قىلىنغان كاتولىكلارنىڭ «يېرۇسالىم مۇقەددەس كىتابى» نەشىرىنى سېتىۋېلىپ، ئوقۇشقا باشلىدىم. بىر كۈنى يەكشەنبە كۈنىدىكى دىنىي مۇراسىملار تۈگىگەندىن كېيىن، خىزمەت كىيىملىرىنى يېشىپ قۇيۇۋاتسام، ئىككى ئەر كىشى مەكتەپكە كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ تونۇشتۇردى، ئۇلار بىلەن بىر سائەتتىن كۆپرەك مۇقەددەس كىتاب ھەق دىننى ساختا دىنلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق.
ئۇلار سىزگە قانداق تەسىرات قالدۇردى؟
ئۇلار ئىشەنچ بىلەن سۆزلىگەنلىكىنى ۋە كاتولىك دىنى مۇقەددەس كىتابىدىن شۇنچە ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالدىم. كېيىنرەك، مارىئو ئىسىملىك باشقا يەھۋا گۇۋاھچىسى ماڭا كېلىشكە باشلىدى. ئۇ بەك سەۋرچان ئىدى. ھاۋا رايى قانداق بولمىسۇن، ھەر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە دەل سائەت 9 دا مەكتەپنىڭ ئىشىك قۇڭغۇرىقىنى باساتتى.
ئۇنىڭ كېلىشىگە باشقا روھانىيلار قانداق قارايتتى؟
مەن ئۇلارنى مۇھاكىمىمىزگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلاتتىم. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشىنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارايتتى. مەن بولسام، ئۆگىنىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. مېنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان سوئاللىرىمغا مۇقەددەس كىتابتىن جاۋاب تاپتىم. مەسىلەن، خۇدا نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويىدۇ؟
ئۈستىڭىزدىكى روھانىيلار سىزنى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشتىن توختاتماقچى بولغانمۇ؟
1975-يىلى، مەن چىركاۋنىڭ تەلىملىرىگە بولغان كۆزقاراشلىرىمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىم رىمغا باردىم. يۇقىرى مەرتىۋىلىك روھانىيلار ئوي-پىكىرىمنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى مۇقەددەس كىتابنى ئىشلەتمىگەن ئىدى. ئاخىرىدا، مەن 1976-يىلى، 9-يانۋاردا رىمغا ئەۋەتكەن خېتىمدە، ئەمدى مەن كاتولىك چىركاۋىدىن كېتىدىغانلىقىمنى يازدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن، مەن دىنىي مەكتەپتىن كەتتىم ۋە پويىزغا ئولتۇرۇپ، بىرىنچى قېتىم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم. لېكىن بارسام، چوڭ يىغىلىش بولغان ئىكەن ۋە ئۇ يەردە بىرنەچچە جامائەت قاتناشقان ئىدى. ھەممىسى مەن چىركاۋدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ئۆگەنگەنلىرىمدىن بەك پەرقلىق ئىدى! ھەر بىر گۇۋاھچىنىڭ قولىدا مۇقەددەس كىتاب بار ئىدى ۋە ناتىقلار تۈرلۈك ماۋزۇلارنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئاڭلىغۇچىلار مۇقەددەس كىتابىنى ئېچىپ، ئايەتلەرگە قارايتتى.
ئائىلىڭىزدىلەر بۇنىڭغا قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟
ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ماڭا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. كېيىن، مەن ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى لامباردى شەھىرىدە ياشايدىغان ئىنىمنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا باردىم ۋە يەرلىك گۇۋاھچىلار مېنىڭ ئىش ھەم تۇرالغۇ ئۆي تېپىشىمغا ياردەم بەردى. كېيىنرەك، شۇ يىلى مەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدۇم.
مەن ھەقىقەتەن خۇداغا يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن
چىقارغان قارارىڭىزدىن ئۆكۈنەمسىز؟
بۇ يولنى تاللىغانلىقىمغا ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن. مەن ھەقىقەتەن خۇداغا يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. چۈنكى مېنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى بىلىملىرىم ئەمدى پەلسەپە ياكى چىركاۋدىكى ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەس، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىدۇ. ئەمدى تولۇق ئىشەنچ ۋە سەمىمىيلىك بىلەن باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيمەن.