2. ئاچارچىلىق
2. ئاچارچىلىق
«ئاچارچىلىق بولىدۇ».—ماركۇس 13:8.
● بىر كىشى ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۋاراتېگە (نىگېرىيە) يېزىسىغا پاناھلىق ئىزدەپ كەلدى. كېيىن، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ شۇ يېزىسىغا كۆچۈپ كەلدى. بىراق، بۇ كىشى تۇغقانلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ شۇ يېزىدىكى يىگىت بېشى سېدې سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئۆز [ئائىلىسىنى] باقالمايدۇ، شۇڭا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يۈزىگە قاراشتىن ئۇيۇلىدۇ».
دەلىل-ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ھەر كۈنى دۇنيادا ھەر يەتتە كىشىدىن بىرى ئاچ قورساق يۈرىدۇ. ساخارا چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئەھۋال تېخىمۇ ناچار. ئۇ يەرلەردە ھەر ئۈچ كىشىدىن بىرى دائىم يېگۈدەك تاماق يوق ياكى قورسىقى تويماي يۈرىدۇ. بۇ ئېچىنارلىق ئەھۋالنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئاتا، ئانا ۋە بىر بالا ئۈچ جان بار ئائىلىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. تاماق پەقەت ئىككى كىشىگە يەتسە، كىم ئاچ قالىدۇ؟ ئاتىمۇ؟ ئانىمۇ ياكى بالىسىمۇ؟ كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ھەر كۈنى مۇشۇ ئائىلىگە ئوخشاش قارار چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ.
كەڭ تارقالغان كۆزقاراش.
يەردىن ئېلىنىدىغان مول ھوسۇللار ھەممە ئىنسانلارنىڭ قۇرساق تويغۇزۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك. پەقەت شۇ مەھسۇلاتلاردىن توغرا پايدىلىنىش كېرەك.
بۇ ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟
راست، دېھقانلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا، كۆپرەك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۇلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەسلىدە ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەر شۇ مەھسۇلاتلاردىن توغرا پايدىلىنىپ، ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى زۆرۈر. بىراق، ئۇلار ھەتتا نەچچە ئون يىل تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالماي كېلىۋاتىدۇ.
سىز قانداق ئويلايسىز؟
ماركۇس 13:8-ئايەتتىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئېشىۋاتامدۇ؟ زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى تېخى ھەل قىلالمىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرمامدۇ؟
يەر تەۋرەشلەر ۋە ئاچارچىلىق قاتارلىق بالايىئاپەتلەردىن باشقا، ئاخىر زاماننىڭ بەلگىسىدىن يەنە بىرى بولغان بالايىئاپەت يۈز بېرىدۇ.
[قىستۇرما تېكىسىت]
ئۆپكە ياللۇغى، ئىچ سۈرۈش ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ يېتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈكى بولغان بولسا، ئامان قالغان بولاتتى.—ب.د.ت ئۆسمۈرلەر فوندىنىڭ باشلىقى بولغان ئان م. ۋېينېمان.
[رەسىم]
© Paul Lowe/Panos Pictures