خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
خۇدا پادىشاھلىقى — يەھۋا خۇدا ئۆزى ئورناتقان ھەقىقىي ھۆكۈمەت. ئۇ ئاسماندىن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقتىن، مۇقەددەس كىتابتا «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى» ياكى «ئاسمان پادىشاھلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ (مارك 1:14، 15؛ مەتتا 4:17). گەرچە يەردىكى ئىنسانىي ھاكىمىيىتلەرگە كۆپ تەرەپتىن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن ھەممە جەھەتتىن ئۈستۈن.
ھۆكۈمرانلىرى. خۇدا ئەيسانى پادىشالىقنىڭ پادىشاسى سۈپىتىدە تاللىدى ۋە ئۇنىڭغا يەردىكى ھېچقانداق ھۆكۈمران ئىگە بولمىغان ھوقۇقنى بەردى (مەتتا 28:18). ئەيسا ئىشەنچلىك ۋە ھىسداش باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكتىن، بېرىلگەن ھوقۇقىنى پەقەت ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ (مەتتا 4:23؛ مارك 1:40، 41؛ 6:31—34؛ لۇقا 7:11—17). خۇدانىڭ رەھبەرلىگى بىلەن، ئەيسا «يەر ئۈستىدىن پادىشاھلىق قىلىش» ئۈچۈن ھەممە مىللەتتىن چىققان ئادەملەرنى تاللاۋالدى (ۋەھىي 5:9، 10).
باشقۇرۇش ۋاقتى. يەردىكى ۋاقىتلىق ھاكىمىيەتلەرگە قارىغاندا، خۇدا پادىشاھلىقى «مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ» (دانىيال 2:44).
پۇخرالىرى. خۇدانىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنلايدىغان ھەربىر ئادەم، تۇغۇلغان يېرىگە ياكى كېلىپ چىقىشىغا قارىماستىن، پادىشالىقنىڭ پۇخراسى بولالايدۇ (ئەلچىلەر 10:34، 35).
قانۇنلىرى. خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ قانۇنلىرى (ياكى بۇيرۇقلىرى) يامان ئىشلارنى مەنئىي قىلىپلا قويماي، جۇقۇرى ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى تۇتۇش ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە بېرىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا: ««يەھۋا خۇدانى پۈتۈن يۈرىكىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ھەم پۈتۈن ئەقلىڭ بىلەن سۆيگىن». بۇ بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمىر. ھەم ئىككىنچىسى بۇنىڭغا ئوخشاش: «ئۆز يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزۈڭدەك سۆيگۈن»»،— دەپ يېزىلغان (مەتتا 22:37—39). خۇداغا ۋە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاشقا دەۋەت قىلىدۇ.
بىلىم بېرىشى. خۇدا پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىغا جۇقۇرى ئۆلچەملەرنى ئورنىتىپلا قويماي، شۇ تەلەپلەرگە ماس ھايات كەچۈرۈشكە ئۆگىتىدۇ (يەشايا 48:17، 18).
مەقسىتى. خۇدا پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىنى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمرانلىرىنى باي قىلىشقا ئىنتىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، بۇ پادىشاھلىق خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ۋە خۇدانى ياخشى كۆرگەن ئادەملەر يەردىكى جەننەتتە مەڭگۈ ياشىشى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلايدۇ (يەشايا 35:1، 5، 6؛ مەتتا 6:10؛ ۋەھىي 21:1—4).