مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشى خىزمىتىنى قانداق تە‌شكىللە‌يدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشى خىزمىتىنى قانداق تە‌شكىللە‌يدۇ؟‏

 يېتە‌كچى كېڭە‌ش —‏ پۈتۈن دۇ‌نيادىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا كۆرسە‌تمە بېرىدىغان روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن كىچىك بىر توپ.‏ ئۇ‌لار ئىككى تۈرلۈك خىزمە‌تكە مە‌سئۇ‌ل:‏

  •   ئۇ‌لار نە‌شىرى ماتېرىياللار،‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ مە‌كتە‌پلىرى ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ياكى كۆرسە‌تمىلە‌رنىڭ تە‌ييارلىنىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 12:‏42‏.‏

  •   ئۇ‌لار ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىمىزگە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىش ۋە توپلانغان ئىئانىلە‌رنى قانداق ئىشلىتىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ دۇ‌نياۋىي ئىش-‏پائالىيىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏

 يېتە‌كچى كېڭە‌ش بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان ‹يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللاردىن› ئۈلگە ئالىدۇ.‏ ئۇ‌لارمۇ جامائە‌تلە‌رنىڭ پايدىسى ئۈچۈن مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقارغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏2‏)‏.‏ ئاشۇ سادىق ئادە‌ملە‌رگە ئوخشاش،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى تە‌شكىلاتىمىزنىڭ باشلىقلىرى ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ جامائە‌تنىڭ بېشى سۈپىتىدە ئە‌يسا مە‌سىھنى تە‌يىنلىگە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يوليورۇ‌ق ئىزدە‌يدۇ.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23‏.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى كىملە‌ر؟‏

 يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى:‏ كېننېت كۇ‌ك‏،‏ گېيج فىلىگېل،‏ سېمۇ‌ئېل خېرد‏،‏ جېففىرى جېكسون‏،‏ ستىۋېن لېتت‏،‏ گېررىت لئوش‏،‏ مارك ساندېرسون‏،‏ دېيۋىد سىپلېين ۋە جېفىرى ۋىندېر.‏ ئۇ‌لار ۋورۋىكتىكى (‏نيۇ-‏يورك)‏ مە‌ركىزى باش باشقارمىدا خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خىزمىتى قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏

 يېتە‌كچى كېڭە‌ش تۈرلۈك خىزمە‌تلە‌رگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان ئالتە كومىتېتنى قۇ‌رغان ۋە كېڭە‌شنىڭ ھە‌ر بىر ئە‌زاسى بىر ياكى بىرنە‌چچە كومىتېتتا خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

  •   ماسلاشتۇ‌رۇ‌ش كومىتېتى.‏ قانۇ‌نىي ئىشلارغا يېتە‌كچىلىك قىلىپ،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر ۋە ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ش ھە‌مدە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك جىددىي ئىشلاردا ياردە‌م بېرىشكە مە‌سئۇ‌ل.‏

  •   خادىملار كومىتېتى.‏ بە‌يتە‌ل ئائىلىسى ئە‌زالىرىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارغا مە‌سئۇ‌ل.‏

  •   نە‌شرىيات كومىتېتى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنىڭ نە‌شىر قىلىنىشى ۋە يە‌تكۈزۈلۈشى،‏ شۇ‌نداقلا يىغىلىش جايلىرى،‏ تە‌رجىمە ئىشخانىلىرى ۋە بە‌يتە‌ل قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا مە‌سئۇ‌ل.‏

  •   خىزمە‌ت كومىتېتى.‏ «پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى»نى ۋە‌ز قىلىش ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلىشقا مە‌سئۇ‌ل.‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

  •   تە‌لىم بېرىش كومىتېتى.‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى،‏ مە‌كتە‌پلە‌ر،‏ ئاۋازلىق ھۆججە‌تلە‌ر ياكى فىلىم قاتارلىق پروگراممىلار ئارقىلىق بېرىلىدىغان يوليورۇ‌قلارنى تە‌ييارلاش ئىشىغا مە‌سئۇ‌ل.‏

  •   يازغۇ‌چىلار كومىتېتى.‏ باسما ماتېرىياللىرىمىز ۋە تور بېكىتىمىز ئارقىلىق بېرىلىدىغان يوليورۇ‌قلارنى تە‌ييارلاش ھە‌مدە تە‌رجىمە خىزمە‌ت ئىشىغا مە‌سئۇ‌ل.‏

 مۇ‌شۇ كومىتېتلارنىڭ ئىشىدىن باشقا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش تە‌شكىلاتىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ھە‌ر ھە‌پتە يىغىلىدۇ.‏ ھە‌ممە بىردە‌ك قارارغا كېلىش ئۈچۈن ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئۈستىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىدۇ ۋە خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ئۇ‌لارنى يېتە‌كلىشىگە يول بېرىدۇ.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏25‏.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌شكە كىملە‌ر ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

 يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خىزمە‌تلىرىگە ئىشە‌نچىلىك مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ياردە‌م بېرىدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 4:‏2‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى خىزمە‌تكە تە‌يىنلە‌نگە‌ن كومىتېتنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نداش قابىلىيىتى ۋە تە‌جرىبىسى بار.‏ ئۇ‌لار كومىتېتنىڭ ھە‌ر ھە‌پتىلىك يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار قارار چىقىرىشقا ئاۋاز بە‌رمىسىمۇ،‏ پايدىلىق مە‌سلىھە‌ت ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان ئۇ‌چۇ‌ر ياكى مە‌لۇ‌ماتلارنى ئوتتۇ‌رغا قويىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ياردە‌مچىلە‌ر يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ماقۇ‌للىغان قارارلىرىنى ئە‌مە‌لىي ئورۇ‌ندايدۇ،‏ ئورۇ‌نداش خىزمىتىنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ نە‌تىجىسىنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رۇ‌شقا مە‌سئۇ‌ل.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئۇ‌لارنى يىللىق يىغىلىشلاردا ياكى گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ ئوقۇ‌ش پۈتتۈرۈش مۇ‌راسىملىرىدا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشقا تە‌يىنلىشى مۇ‌مكىن.‏

ياردە‌مچىلە‌رنىڭ تىزىملىكى 

كومىتېت

ئىسىم

ماسلاشتۇ‌رۇ‌ش كومىتېتى

  • جون ئېكران

  • پائۇ‌ل گىللىس

  • تروي سنايدېر

خادىملار كومىتېتى

  • گېرالد گرىزېل

  • پاترىك لافرانكا

  • دانىيال مولچان

  • رالف ۋوللىس

نە‌شرىيات كومىتېتى

  • روبېرت باتلېر

  • خارولد كوركېرن

  • گايۇ‌س گلاككېنتىن

  • دونالد گوردون

  • روبېرت لۇ‌چچونى

  • ئالېكس رېينمۇ‌ئېللېر

  • دېيۋىد سىنكلائېر

خىزمە‌ت كومىتېتى

  • گېيرى بىرو

  • جوئېل دېللىنگېر

  • بېتتى جورجېس

  • ئانتونى گرىفېن

  • سېت خايات

  • جودى جادلې

  • كرىستوفېر ماۋېر

  • بالتاسار پېرلا

  • جوناتان سمىت

  • ۋېليام تېرنېر

  • لىئون ۋىۋېر

تە‌لىم بېرىش كومىتېتى

  • رونالد كېرزان

  • كېننېت فلودىن

  • ۋېليام مالېنفانت

  • مارك نۇ‌مار

  • دېيۋىد شافېر

يازغۇ‌چىلار كومىتېتى

  • نىكولاس ئالادىس

  • پىئېر كرىستېنسېن

  • روبېرت سىرانكو

  • كېننېت گادبېرن

  • جېيمىس مانتىس

  • ئىساك مارېي

  • كىلايىۋ مارتىن

  • لېئونارد مايېرس

  • گېن سىموللې

  • خېرمانۇ‌س فان سېلىم